باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەدىكى «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەھرىراتىنىڭ باش ئورگىنى نېمە ئۈچۈن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ؟

2015.01.12 10:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارىژغا جايلاشقان فىرانسىيەدە چىقىدىغان «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەھرىراتىنىڭ باش ئورگىنى تۈنۈگۈن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ھازىرغىچە 12 ئادەم قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. فىرانسىيەدىكى «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەھرىراتىنىڭ باش ئورگىنى نېمە ئۈچۈن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ؟

  پارىژغا جايلاشقان فىرانسىيەدە چىقىدىغان «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەھرىراتىنىڭ باش ئورگىنى تۈنۈگۈن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ھازىرغىچە 12 ئادەم قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فىرانسىيە ئۇچرىغان ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى.

  ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى سۆز قىلىپ: بۇ شەك شۈبھىسىز تېررورلۇق ھۇجۇمى دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدە بىر قانچە قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇم سۇيىقەستلىرىنى بىتچىت قىلدى، فىرانسىيە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھوشيارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋارىس ئارقىدىن پارىژ رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  تېررورلۇق ھۇجۇمى نېمە ئۈچۈن پارىژدا يۈز بېرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللىنىدۇ؟ئەمەلىيەتتە فىرانسىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى. ۋوگزال، ئايروپورت ۋە ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدا تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنىڭ رازۋېدكا قىلىۋاتقانلىقىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پارىژدىكى ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىسى ئېففېل مۇنارى يېقىنقى بەش يىلدا نۇرغۇن قېتىم ساختا پارتلىتىش تەھدىتىگە ئۇچرىدى.

  فىرانسىيە ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت، ئۇ ئىلگىرى مۇستەملىكە قىلغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن شىمالىي ئافرىقا، غەربىي ئافرىقا قاتارلىق رايونلاردىكى بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى ئالاقىسى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فىرانسىيە لىۋىيە، مالىدىن تارتىپ سۇرىيە ۋە ئىراققىچە ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئارىلىشىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ كەلدى. غەربىي ئافرىقا، ئوتتۇرا ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە نۇرغۇن فىرانسىيەلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇندىن باشقا، سۇرىيە ۋە ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» كونتروللىقىدىكى رايوندا مىڭغا يېقىن فىرانسىيەلىك ئۇرۇشقا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەلىك تۇتقۇننى ئۆلتۈرگەن ئىككى ئەسەبىي ئۇنسۇرنىڭ فىرانسىيەلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

  ئۆتكەن ئايدا فىرانسىيەدە ئۈچ ئۈچ قېتىم ساقچىلارغا ياكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشتەك قەبىھ ۋەقە يۈز بەردى، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى تۈسىنى ئالغان. گەرچە فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇم ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلمەس قىياپىتىگە كىرىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن دېلوغا چېتىشلىق ئىككى ئادەم «ئاللاھ ھەممىگە قادىر» دەپ توۋلىغان، بۇ شۈبھىسىزكى ئىسلام ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە تەشۋىقاتى بىلەن باغلىنىشلىق. ۋارىس ئۆتكەن ئايدا: فىرانسىيە ئەزەلدىن ھازىرقىدەك بۇنچە ئېغىر تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كېلىپ باقمىغان دېگەن ئىدى..

  ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھوللاندى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇمغا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان جايلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى، شۇ يەر ۋاقتى 7-يانۋار چۈشتىن كېيىن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئېلىز سارىيىدا مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزدى. ھەر قايسى ئاخبارات ئورگانلىرى، چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى، ۋۇزرالار، دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى كۈچەيتىلدى. فىرانسىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىر مەسئۇلى فىرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ھازىرغىچە قاتىل قېچىپ يۈرۈۋاتىدۇ، ساقچىلار ئۇنى ئىزدەۋاتىدۇ دېدى.

  ھۇجۇم كۈپ كۈندۈزدە يۈز بەردى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت كىشىنى تاڭ قالدۇرىدۇ. فىرانسىيە تاراتقۇلىرى ئۇزۇندىن بۇيانقى فىرانسىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى.

  ئۆتكەن ئايدا فىرانسىيەدە ئۈچ ئۈچ قېتىم ساقچىلارغا ياكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشتەك قەبىھ ۋەقە يۈز بەردى، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى تۈسىنى ئالغان. گەرچە فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇم ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلمەس قىياپىتىگە كىرىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن دېلوغا چېتىشلىق ئىككى ئادەم «ئاللاھ ھەممىگە قادىر» دەپ توۋلىغان، بۇ شۈبھىسىزكى ئىسلام ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە تەشۋىقاتى بىلەن باغلىنىشلىق. ۋارىس ئۆتكەن ئايدا: فىرانسىيە ئەزەلدىن ھازىرقىدەك بۇنچە ئېغىر تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كېلىپ باقمىغان دېگەن ئىدى. «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» فىرانسىيەدىكى داڭلىق ھەجۋىي تۈسىنى ئالغان ژۇرنالنىڭ بىرى. فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتنى مەسخىرە قىلىش ئەنئەنىسى بار، داڭلىق تاراتقۇ «غاقىلداق ئۆردەك گېزىتى»مۇ دائىم دېگۈدەك سىياسىيونلارنى مەسخىرە قىلغانلىقتىن نۇرغۇن قېتىم سوتقا ئەرز قىلىنغان. «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تېخىمۇ قاپ يۈرەك بولۇپ، 2012-يىلى بۇ ژۇرنال مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ھەجۋىي رەسىم قىلىپ سىزىپ بېسىپ، بۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتا ئالقىشقا ئېرىشكەن «تېگىپ كېتىشكە بولمايدۇ» دېگەن فىلىمنىڭ ئىسمىنى قويغان. «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» يەنە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يېرىم يالىڭاچ ھالەتتىكى ھەجۋىي رەسىمىنى باسقان.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر