باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر كېيىنكى ھەپتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ

2015.01.12 10:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئالاھىدە ئۆمىكى 10- يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر كېيىنكى ھەپتە جەنۋەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئۆمىكى باياناتىدا سۆھبەتنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ئېلان قىلمىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى سۆزلىشىشنىڭ ئاساسلىق نىشانى، كەڭ دائىرىدە قوللاشقا ئېرىشكەن بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىللەپ، مەڭگۈلۈك ئاساسى قانۇننى بېكىتىش مۇساپىسى ئۈچۈن مۇقىم مۇھىت يارىتىش قاتارلىقلار ئۈچۈن، لىۋىيەنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى قانداق باشقۇرۇش ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىشدىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى سۆزلىشىشتە يەنە ھەر قايسى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ لىۋىيەنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە زۆرۈر بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئىلىپ بېرىلىدۇ.

  سۆھبەتكە مۇۋاپىق شارائىت يارىتىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە قوراللىق ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر