خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-يانۋار ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئۇشتۇمتۇت تۇمان بېسىپ، ئەتىگەن سائەت 8:00دىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئايرودرومىنى قويۇق تۇمان قاپلاشقا باشلاپ، كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتردىن تۆۋەن بولدى. 12:30دا تۇماننىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىرغىچە 51 نۆۋەتچى ئايروپلان كېچىكىپ ئۇچتى، قونىدىغان، ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپلاندىن 14ى بىكار قىلىندى، بۇ سەۋەبلىك 8 مىڭدەك يولۇچى تۇرۇپ قالدى.