باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا يۇقىرى باھا بەردى

2015.01.12 10:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەرنىڭ يىغىنى يېپىلغاندىن كىيىن، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۇقىرى باھا بەردى.

  ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى كىرىيا مۇنداق دېدى: ئېكۋاتور بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتورنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. ئېكۋاتور كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ كارخانىلىرىنىڭ ئېكۋاتورغا مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېكۋاتور شىركەتلىرىنىڭمۇ جۇڭگوغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادرو مۇنداق دېدى: بىزنىڭ جۇڭگو بىلەن قېرىنداشلارچە دوستلۈقىمىز بار، بىزنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز ناھايىتى كۆپ ئەمەلىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. بىز، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز. مېكسىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋېنرىئان مۇنداق دېدى: جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن كارپ دېڭىز رايونىدىكى دۆلەتلەرگە يېڭى سۆزلىشىش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بىلىدىغان مەسىلىلەردە ئومۇميۇزلۇك سۆزلىشىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر