خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد يۇنۇس فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىللىگەن شىنجاڭدىكى «ئەڭ پەزىلەتلىك ستودېنت» لارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 9 – يانۋار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىشىمچە، 2014 – يىلى نويابىردا باشلانغان بۇ پائالىيەتتە ئاپتونوم رايون بويىچە 34 ئالىي مەكتەپتىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن 500 ستودېنت ئىچىدىن تۇرسۇنگۈل مەھمۇد قاتارلىق 10 ستودېنت «ئەڭ پەزىلەتلىك ستودېنت» نامىغا، ئىلى پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتىدىكى جاڭ خاۋشياڭ قاتارلىق 100 نەپەر ستودېنت «ئەڭ پەزىلەتلىك ستودېنت نامزاتى» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.
سۈرەتتە: «ئەڭ پەزىلەتلىك ستودېنت» لار مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالماقتا.
مەنبە: خەلق تورى