باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز سۇ ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ

2015.01.12 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك سۇچىلىق نازىرلىرى، ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن 172 تۈرلۈك زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تىز ئىلگىرىلىگەن. ھازىر 57 تۈردە ئىش باشلانغان. بۇ يىل 27 تۈر پۈتتۈرۈلىدىكەن. ئۆتكەن يىلى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 488 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ سالغان مەبلىغى 162 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىن %15.6 ئاشقان.گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 172 تۈرلۈك سۇ تېجەش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى يىلىغا يېڭىدىن 80 مىليارد كۇپ مېتىر كۆپىيىدۇ. يېڭىدىن يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش ئىقتىدارى 26 مىليارد كۇپ مېتىر كۆپىيىپ، 78 مىليون مودىن ئارتۇق يەر سۇغۇرۇلىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ غول سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى سىستېمىسىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 2013-يىلدىن بۇيان، سۇچىلىق مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرى 48 دىن 22 گە ئازىيىپ ، %54 تۆۋەنلىدى. بۇ يىل سۇ مەمۇرىيىتىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تۈرنى ئالدىن تەستىقلاش ئىشلىرى تۈرلەرگە ئايرىش ۋە بىرىكتۈرۈش تىز يولغا قويۇلۇپ، تەستىقلاش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر