باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى تۆت قېتىم كۈن تۇتۇلۇش، ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ

2015.01.12 09:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز ئاممىسى ئىككىسىنى كۆرەلەيدۇ

  2015-يىلى قالتىس ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ. ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى، مېركۇرىينىڭ چوڭ ئېلونگاتسىيەسى، پلانېتىنىڭ قۇياش بىلەن بىر تۈر سىزىققا كېلىشى قاتارلىق ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەردىن باشقا يەنە تۆت قېتىم كۈن تۇتۇلۇش، ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ئېلىمىز خەلقى پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنىلا كۆزىتىپ تاماشا قىلالايدۇ.

  تيەنجىن شەھەرلىك ئاسترونومىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى يەن ۋېيگو مۇنداق دېدى: تۆت قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇش، ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسى، بىر قېتىم كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى، بىر قېتىم كۈننىڭ يېرىم تۇتۇلۇشى ۋە ئىككى قېتىم ئاينىڭ تولۇق تۇتۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۈن تۇتۇلۇش، كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى، كۈننىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلۇشى ۋە كۈننىڭ يېرىم تۇتۇلىشىدىن ئىبارەت ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. بىر قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇش جەريانىدا، بەزى جايلاردا كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى، بەزى جايلاردا كۈننىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلۇشىنى كۆزەتكىلى بولسا، بۇ «تولۇق ھالقىسىمان تۇتۇلۇش» يەنى «ئارىلاش تۇتۇلۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.

  يەن ۋېيگو مۇنداق دېدى: 2015-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىملىق كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسى 20-مارت يۈز بېرىدۇ، كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ. لېكىن جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدىغان ۋاقىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى ئامما كۈننىڭ يېرىم تۇتۇلۇشىنى پەقەت بىر قېتىملا كۆرەلەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر