باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بارلۇقتاغ تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونى يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون تەستىقىغا ئېرىشتى

2015.01.09 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-يانۋار كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىچكى موڭغۇل بىلىگول دورياسى قاتارلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان 21 دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون تىزىملىكى»نى ئېلان قىلغان، شىنجاڭ بارلۇقتاغ تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونمۇ يېڭىدىن تەستىقلانغان دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان 21 رايون تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

  بارلۇقتاغ تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون چاغانتوقاي ناھىيەسى، تولى ناھىيەسىدە بولۇپ، ئاساسلىق قوغداش ئوبيېكتى شىنجاڭ ياۋا ئالمىسى قاتارلىق ئۇرۇق پلازما بايلىق مەنبەسى، يىلپىز قاتارلىق نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار، قارلىقتىكى شەمشاد ئورمانلىقى ۋە ياۋا بادامزار، ئۆرۈكزار قاتارلىق ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر