باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2015 – يىلى ‹‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى›› كەيپىياتى ئۇلغۇيۇپ كېتەمدۇ؟

2015.01.12 14:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015 – يىلى رۇسىيەنىڭ غەربتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق تېمىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا، ‹‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى›› كەيپىياتى ئۇلغىيىپ كېتەمدۇ؟

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياسىتىگە ئاساسىي پاكىت بولىدىغان يېڭى ھەربىي ئىشلار تەلىماتىنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ بىلەن ش ئا ئە ت يەنىلا رۇسىيەگە ئەڭ چوڭ تەھدىت سالىدۇ، دەپ قارالدى.

  ‹‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى›› دەۋرى 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئالاھىدە تارىخىي دەۋر بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ‹‹ۋارشاۋا شەرتنامىسى›› لاگېرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ش ئا ئە ت لاگېرىدىكى دۆلەتلەر مەنپەئەت تالىشىپ توقۇنۇشۇپ، كەسكىن تىركىشىش ھالىتىدە تۇرغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ھازىر رۇسىيە بىلەن غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە ‹‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى››نىڭ ئالامەتلىرى ئاز – تولا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. 2015 – يىلى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى قاتماللىشىپ، ئىككىلا تەرەپ بىر – بىرىگە يول قويۇشمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ مەنپەئەت كۈرىشىگە ئاتلانسا، ھوقۇق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ.

  رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسى قاتتىق، ئەمما ئەمەلىيەتچىل بولدى

  رۇسىيە 2015 – يىلى ھالقىلىق مەنپەئەت مەسىلىسىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى دۆلەتلەر بىلەن يەنىلا قەتئىي كۈرەش قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، يەنىلا جانلىق ھەم ئەمەلىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. رۇسىيەگە شۇنىسى ئايانكى، ئۇكرائىنانىڭ 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ش ئا ئە ت گە ئەزا بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى گەرچە ئىغۋارگەرچىلىك خاراكتېرىنى ئالغان بولسىمۇ، ئۇ ش ئا ئە ت بىلەن ھەقىقىي يېقىنلىشالمايدۇ. شۇڭا، رۇسىيە قورال كۈچى ئىشلىتىپ، ئۇكرائىنانىڭ ش ئا ئە ت گە يېقىنلىشىشىنى توسۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسكىن تەدبىرلەرنى ھەرگىز قوللانمايدۇ.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2014 – يىلى 31 – ئۆكتەبىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباماغا يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، باراۋەر ھەم ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئامېرىكا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىسكەنجىگە ئېلىپ يۇرىدۇ

  ئامېرىكا 2015 – يىلى رۇسىيەگە داۋاملىق بېسىم ئىشلەتكەندە، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ. ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىش ھەم مۇۋاپىق جازالاش ئامېرىكىنىڭ ‹‹ئەپچىل چارىلىرى››نىڭ بىرى.

  ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ش ئا ئە ت گە ئەزا بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى سىياسىي بايانىدا مۇنداق دېيىلگەن: ش ئا ئە ت نىڭ دەرۋازىسى ‹‹ھەر ۋاقىت ئوچۇق›› بولۇپ، ياۋروپا – ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان دۆلەتلەرنىڭ ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئامېرىكا ش ئا ئە ت نىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى‹‹تولۇق قوللايدۇ››.

  جازالاش مەسىلىسىدە، ئوباما 2014 – يىلى 18 – دېكابىر ‹‹ئۇكرائىنانىڭ ئەركىن بولۇشىنى قوللاش قانۇن لايىھەسى››نى ئىمزالىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۇكرائىناغا ش ئا ئە ت دىن باشقىلار بىلەنمۇ ئىتتىپاقداش بولۇش ئورنىنى بەردى، لېكىن، ئوباما قانۇن لايىھەگە ئاساسەن، رۇسىيەنى يەنىمۇ جازالاش تەدبىرىنى تېزدىن قوللىنىش ئويى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى پايدا – زىياننى بەكرەك ئويلىشىدۇ

  ياۋروپا ئىتتىپاقى 2015 – يىلى مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، رۇسىيە مەسىلىسىدە گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئاغزىغا قارىسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن يەنە مەلۇم ئارىلىق ساقلايدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن كۈچ سىنىشىشتا ش ئا ئە ت نىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى سەۋەبىدىن ھەربىي چىقىمنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى جازالاش جەريانىدا ئۆزىمۇ زور بەدەل تۆلەيدۇ. چۈنكى، رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېكسپورت قىلغان تەبىئىي گازنىڭ %30تىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدۇ. فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەدىن ئىبارەت ياۋروپا ئىتتىپاقىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىككى چوڭ دۆلەت مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: رۇسىيەنى كۆپ قېتىم جازالاش ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر يەتكۈزدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا ش ئا ئە ت گە ئەزا بولغاندىن كېيىن، تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان خەۋپ پەيدا بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ش ئا ئە ت گە ئەزا بولۇش پىلانىغا ھوشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ: بۇ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل: ئۇكرائىنانى ش ئا ئە ت غا ئەزالىققا قوبۇل قىلىش بىلەن ئۇنىڭ ش ئا ئە ت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇش ماھىيەتتىن پەرقلىنىدۇ، دېدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا رۇسىيەگە موھتاج. سۇرىيە، ئىران، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ مەيدانى ئوخشاش بولمىسىمۇ، رۇسىيە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋە ماسلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

  2015 – يىلىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، رۇسىيە بىلەن غەربتىكى دۆلەتلەر تالاش – تارتىشتا يەنىلا ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماسلىقى مۇمكىن. ‹‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى›› كەيپىياتىنىڭ ئۇلغىيىشى ئاخىرقى ھېسابتا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىغا قانچىلىك ئىمكانىيەت قالدۇرۇشىغا باغلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر