خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12 -يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىنقى يىللاردا، ھۆسن تۈزەش خاراكتېرىدىكى پروگراممىلار جۇڭگودا توختىماي قويۇلدى. بارغانسېرى كۆپلىگەن گۈزەللىكنى سۆيىدىغانلار ھۆسن تۈزەشگە قىززىقتى .ھازىر مەملىكىتىمىزدە كورېيەگە بېرىپ ھۆسن تۈزەپ مەغلۇپ بولۇش ماجىراسى ھەر يىلى 10%-15%دا كۆپەيمەكتە.جىن ۋېيكۇن،مى يۇەنيۇەن،چېن يىلى ئۈچەيلەن كورېيەگە بېرىپ ھۆسن تۈزىگەن، ئۇلار ئەسلىدە گۈزەللىكنى قوغلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئېغىر يۇقۇملىنىش، ئۇلارنىڭ جامالىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇۋەتتى. روھى ئازابقا دۇچار بولغان بۇ ئۈچەيلەن مۇشەققەتلىك بولغان، دۆلەت ئاتلاپ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش يولىغا قەدەم قويدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى