باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ھالەتكە كىردى

2015.01.12 10:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داڭلىق ئىقتىسادشۇناس، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋۇ جىڭليەن 10-يانۋار مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ھالەتكە كىردى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۈستۈرۈشى كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ھالىتىدە مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىك بار. بىر تەرەپتىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەش يولىغا چۈشتى، ئوتتۇرھال يۇقىرى ياكى ئوتتۇرھال سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىغا كىردى، بۇ يىلقى يۈزلىنىش يەنە داۋاملىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات شەكلى يىرىك تەرەققىي قىلىشتىن تۈجۈپىلىك ئېشىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشى كېرەك.

  ۋۇ جىڭليەن مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى ئالاھىدىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاش ئەمەس. ئالدىنقىسى ئەمەلىيەت، كېيىنكىسى ئۈمىد قىلىنىۋاتقان نىشان، بۇنى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر