باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا يەرلىرى سىناق خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2015.01.12 10:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى بىلەن گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى بىرلىكتە، «يېزا يەرلىرىنى ئېلىش، كوللېكتىپنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلىرىنى بازارغا سېلىش، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھات سىنىقى خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى، بۇ ئېلىمىز يېزا يەرلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سىناق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىناقتا يەرلەرنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى خاراكتېرىنى ئۆزگەرمەسلىك، تېرىلغۇ يەر تۆۋەن ئۆلچىمىنى بۇزماسلىق، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراتماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ دېھقانلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇق مەنپەئەتىنى باشتىن ئاخىر ياخشى قوغداش، ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىسلاھاتنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىش لازىم. ئىسلاھات سىنىقى ئارقىلىق، دۆلەت، كوللېكتىپ، شەخسلەرنىڭ يەر كۆپەيمە قىممەت كىرىم تەقسىمات مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شەخسلەرنىڭ كىرىمىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك. يەر ئېلىش دائىرىسى بەك چوڭ بولۇش، تەرتىپى قېلىپلاشماسلىق، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەر ئېلىش دائىرىسىنى كىچىكلىتىش، يەر ئېلىش مۇندەرىجىسى تۈزۈش ھەققىدە ئىزدىنىش، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يەر ئىشلىتىش دائىرىسىنى قاتتىق بېكىتىش لازىم. يەر ئېلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى خېيىم-خەتىرىنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىش، زىددىيەت ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەر ئېلىش ئۇچۇرىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاش كېرەك. يېرى ئېلىنغان دېھقانلارغا مۇۋاپىق، قېلىپلىق، كۆپ تەرەپلىك كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  كوللېكتىپنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ھوقۇقى مۇكەممەل بولماسلىق، باراۋەر بازارغا سېلىنمىلىق، ئوخشاش ھوقۇق، ئوخشاش باھا ۋە سودا قائىدىسى بويىچە مۇئامىلە قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، پايغا قاتنىشىش ھوقۇقى بېرىش كېرەك. يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلىرىنى بازارغا سېلىش دائىرىسى ۋە يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم، بازار سودا قائىدىسى ۋە مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك.

  دېھقانلارنىڭ ئۆيلۈك يەرلىرىنى ئېلىش تەس بولۇش، يىرىك ئىشلىتىش، قايتۇرۇش راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆيلۈك يەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئېلىش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا كۆپ خىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈك يېرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ۋە بىر ئائىلىنىڭ نەچچە تۇرالغۇسى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەقلىق ئىشلىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، شەھەرلەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنىڭ ئۆز كوللېكتىپى ئىقتىسادى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆيلۈك يېرىنى ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق قايتۇرۇشى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش. ئۆيلۈك يەرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىنى باشقۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ قېتىمقى ئىسلاھات سىنىقى ئاساسلىقى يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال سىنىقى ۋە يېزا ئىسلاھات سىناق رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېپىق يولغا قويۇلۇپ، خېيىم-خەتەرنى كونترول قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. سىناق-ئالاقىدار قانۇن ماددىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا چېتىلىدۇ، شۇڭا گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە سۇنۇپ، سىناق رايونىنىڭ سىناق مەزگىلىدە ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشىغا يول قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىسلاھات سىنىقى ئارقىلىق تەرتىپ قېلىپلاشتۇرۇلغان، تۆلەم مۇۋاپىق بولغان، كاپالەت كۆپ خىل بولغان يەر ئېلىش تۈزۈمى، ھوقۇق، باھا ئوخشاش بولغان، ئۆتۈنۈپ بېرىش راۋان بولغان، كىرىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلىرىنى بازارغا سېلىش تۈزۈمى، قانۇن بويىچە ئادىل ئالىدىغان، تېجەشلىك، تۈجۈپلۈك ئىشلىنىدىغان، ئىختىيارلىقى بىلەن چېكىنىدىغان ئۆيلۈك يەر تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، سىناق خىزمىتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىشلىنىپ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر