باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى بۇ يىل داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ

2015.01.09 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى بۇ يىل داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ، كونكرېت تەڭشەش نىسبىتى تېخى بېكىتىلمىگەن، تەڭشەپ ئىجرا قىلىش ۋاقتى 1-يانۋاردىن باشلىنىدىكەن.2015-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى داۋاملىق تەڭشىلىدۇ، بۇ 2005-يىلدىن بۇيان ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۇدا 11- قېتىم تەڭشىلىشى.

  8-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يوڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز تەڭشەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، كونكرېت تەڭشەش نىسبىتى تېخى بېكىتىلمىدى، تەڭشەپ ئىجرا قىلىش ۋاقتى 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر