باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە كۆلەڭگۈ پەيدا بولدى

2015.01.09 09:15        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-يانۋار لىۋىيەدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئەڭ ئاخىرىقى بىر چەتئەل ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولغان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى: لىۋىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى سەۋەبىدىن، لىۋىيەگە ئۇچىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ۋاقىتچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان لىۋىيەدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ چەتئەللىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپ يۈز بەردى. 4-يانۋار گىرتسىيەنىڭ بىر ماي پاراخوتى لىۋىيەنىڭ پورت شەھىرى دارناختا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، تۆت ماترۇس قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. 3-يانۋار مىسىرلىق 13 خىرسىتىيان تۇتقۇن قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى لىۋىيەدىكى بىر دېڭىز ساھىلىدا يەتتە مىسىرلىق قۇراللىق ئۇنسۇر تەرىپىدىن ئۆلتۇرۋېتىلگەنىدى.

  كازافىي ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، لىۋىيە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى گۇرۇھ، سىياسىي كۈچلەرنىڭ پارلامنت ئەزالىرىنى سايلاش، زۇڭلىنىڭ ۋەزىپىسى، كابىنت تەشكىللەش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن كۆرۈشى ئىزچىل توختاپ قالمىدى. ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن بۇيان، دىندىن خالىي كۈچلەر ۋە دىنى كۈچلەرنى قوللايدىغان قۇراللىق كۈچلەر پايتەخت تىرىپولى، 2-چوڭ شەھەر بەنغازى قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق جەڭ قىلدى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم «پارلامنت» ۋە «ھۆكۈمەت» قۇردى، بۇنىڭ بىلەن پۇتكۇل دۆلەت ھاكىميىتى پۈتۈنلەي تەرتىپسىز بولدى. بۇنىڭ بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قايتا-قايتا لىۋىيە توقۇنۇشىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى مۇراجئەت قىلدى ھەمدە لىۋىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

  ئەسلىدە 5-يانۋار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش يىغىنى بۇنىڭ بىلەن مۇددەتسىز كېچىكتۈرۈلدى. بۇ لىۋىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىغا كۆلەڭگۈ پەيدا قىلدى، بۇ ھەم ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋىيەدىكى تۇقۇنۇشىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. 5-يانۋار ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىردە جىددى يىغىن ئېچىپ، لىۋىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەرەب ئەللىرى كېڭىشى يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيەدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتنىڭ داۋاملىق كەسكىنلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لىۋىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىككە كېلىشى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىدە چوقۇم ھۆرمەتلىنىش كېرەكلىكىنى، سىرتقى كۈچلەرنىڭ لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى رەت قىلىشنى تەكىتلىدى.

  باياناتتا يېقىندا لىۋىيەدىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىرانسىپورت بازىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا قارىتا، «ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى» ۋە «ئەندىشە قىلىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورىزىم جىنايىتى كۈچلۈك ئەيىبلەندى، لىۋىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىپ، شۇ يەرنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، مۇھىت يارىتىشى مۇراجىئەت قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر بىردەك مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش-لىۋىيە مەسىلىسىنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى-مەملىكەتلىك سۆزلىشىش، ھەر قايسى گۇرۇھلار ئايرىم-ئايرىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان ئاساسدا تۇرغۇزۇلىشى كېرەك . ئەرەب ئەللىرى ئىتتپاقى كېڭىشى باياناتىدا: لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  لىۋىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئاشۇر بۇراشىد يىغىندا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت قانۇن ۋە ھەققانىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، لىۋىيەگە دەرھال ھەربىي ياردەم بېرىشى، بىزنىڭ ھەركەتتىكى ئۈستۈنلۈكىمىزنى كۆپەيتىشى، بۇ ئارقىلىق تېررۇرچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك.

  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى كېڭىشى باياناتتا: ئەرەب ئەللىرى ئىتىتپاقى باش كاتىپىنىڭ تېزدىن ئەزا دۆلەت دىپلوماتىيە مىنستىرلىرى يىغىنىنى تېزدىن ئېچىپ، لىۋىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسىمۇ لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە ئورۇننى تاللاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش يىغىنىنى تېزدىن باشلاشكە دەۋەت قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 5-يانۋار مۇنداق دېدى: فىرانسىيە لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايونلارغا ئورۇنلاشقان قۇراللىق تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشكە تەييارلاندى ھەمدە شىمالى ئافرىقا ساھىل رايونىدىكى قۇرال جابدۇقلارنىڭ قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمما ھوللاندى فىرانسىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا قۇراللىق ھەرىكەت قوزغاش مۇمكىنچىلىقىنى يوققا چىقارمىدى، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەت مەسئۇلىيەتنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ ھېسابلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر