باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى شياڭگاڭنىڭ ئوتتۇرا ئايلانمىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى مۇراجەت قىلدى

2014.10.14 11:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر قانچە كۈندىن بۇيان، چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى شياڭگاڭدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قانۇنى يول ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشىنى، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى بىرلىكتە قوغداشنى مۇراجەت قىلدى.

  ئارگېنتىنادىكى جۇڭگونى تىنچ بىرلىكتە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى زىڭ چاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش ھەرىكىتى شياڭگاڭنىڭ نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، شياڭگاڭ ئىقتىسادىغا غايەت زور زىيان يەتكۈزدى. ئارگېنتىنادىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق ئېچىنىدۇ.

  كانادادىكى جۇڭگولۇقلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك ئىجرائىيە رەئىسى سەي خۇڭئەن ئالاقىدار ئەربابلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، تىنچ سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، توقۇنۇشنى تىنچ ھەل قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، بىخەتەرلىكى ۋە سىجىل تەرەققىياتىغا بىرلىكتە تۇرتكە بولۇشىنى مۇراجەت قىلدى. دېموكراتىيە ئۈستىدە ئىزدىنىش خاتا ئەمەس، بىراق ئۆزىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈمنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك، دېموكراتىيە چوڭقۇر ئالاقىلىشىشىنى، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى، مۇرەسسەلىشىشنى ۋە ئورتاق تونۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر