باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كۆكتات ئىمپورت قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2014.08.21 11:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيىدە چىقىدىغان ئەينەك ژۇرنىلىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازالىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈپىتىدە بىر يىل ئىچىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئامېرىكا،كانادا،نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيىدىن مېۋە –چېۋە، كۆكتات ئىمپورت قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان،بۇ ياۋروپا دېھقانلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  شۇڭا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاسان بۇزۇلىدىغان مېۋە چېۋە ، كۆكتات تېرىغۇچى دېھقانلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بەرمەكچى،بۇنىڭ ئۈچۈن 125 مىليون ياۋرو ئاجراتماقچى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى خاس ۋەكىلى داكيان شيولوس بۇ مەبلەغ 11-ئاينىڭ ئاخىرى ئەمەلىيلىشىدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر