- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يولداش دىڭ شاۋپىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
2014.08.21 11:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 19-ئاۋغۇست ئازاتلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرستىتى بىلەن بېيجىڭدا پۈتۈن ئارمىيەنىڭ يولداش دىڭ شاۋپىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
جاڭ ياڭ سۆزىدە يولداش دىڭ شاۋپىڭنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن قوشقان ئولۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتتى، دىڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى بولۇپمۇ دىڭ شاۋپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ تارىخى ئورنىنى چوڭقۇر شەرھىلىدى، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيىسى بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار يىتەكچى نەزەرىيەسىنىڭ تومۇرداش ھەم دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشتەك تەرەققىيات مۇساپىسىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى مۇھىم بايانىنىڭ زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي مەزمۇنى ۋە روھى ماھىيىتىنى مېغىزلىق شەرھىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە نەزەرىيە بىلەن قۇراللاندۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش خىزمەتچىلىرىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر