باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دۆلەت روھى» جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىدى

2014.08.21 11:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پايتەختنىڭ سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى شەرھىلەنگەن زور باش تېمىلىق مەخسۇس فىلىم، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەلىم تەربىيە تەشۋىقات ئىدارىسى بىلەن مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسسى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان، مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسسى پەن-مائارىپ قانىلى ئىشلىگەن «دۆلەت روھى» 8-ئاۋغۇستتىن باشلاپ مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسسىدا قويۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىدى.

  ھەربىي پەن ئىنستىتوتى سىياسىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باۋ گوجۈن باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت روھى»مەخسۇس فىلىمىدا سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت قارشى نەزەرىيەسىنىڭ جەۋھىرى ئومۇميۈزلۈك شەرھىلەنگەن بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت قارشى بىلەن تەربىيەلەشتىكى ئەڭ ياخشى دەرسىلىك.

  تور ئەھلى سۆز قالدۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: قۇدرەتلىك، دىموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق دۆلەت- روھى مەدەتتىن ئايرىلالمايدۇ. «دۆلەت روھى» بىزگە دۆلەتنى گۈللەندۇرۇپ قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئالدى بىلەن شەخسنىڭ روھى جەھەتتە ئىتىقاد تۇرغۇزۇش كىرەكلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

  ھەر قايسى تاراتقۇلار، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، نور تورى قاتارلىقلار بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى خەۋەر قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر