- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورىيە بىلەن بولغان سودا سوممىسى 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى
2014.08.21 11:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورىيە بىلەن بولغان سودا سوممىسى 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %13.5 ئاشقان؛پۈتۈن ئوبلاستنىڭ ئىمپورت ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %12.1 نى ئىگىلىگەن.كورىيە بۇ ئوبلاستنىڭ 3-چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان. يەنبيەن ئوبلاستى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ كورىيەدىن قىلغان ئىمپورت ئېكسپورت سودىسىنىڭ %31.4 نى ئىگىلىگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جىلىن ئۆلكىسىنىڭ كورىيىدىن قىلغان ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %3.3 تۆۋەنلىگەن. بۇ ئوبلاست جىلىن ئۆلكىسىنىڭ كورىيە بىلەن بولغان سودىسىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئارقىسىدا ، داۋاملىق تىز ئېشىشنى ساقلىغان. بۇ يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئوبلاستىنىڭ كورىيە بىلەن بولغان سودىسىدا بىر قەدەر زور بازار يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر