- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بېرمىنىڭ 10-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى
2014.08.21 11:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر قوراللىق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا 10-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالاشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى. ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىشقا ئالاقىدار كېلىشىم لايىھەسىنى توغرىسىدا 15-ئاۋغۇستتىن 17-ئاۋغۇستقىچە رانگوندا 5-نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن بىرلەشكەن بايانات ئېلان قىلدى. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ تۈرلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق تەخمىنەن بەش تۈردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنمىغانلىقتىن، سۆھبەت كېيىنكى ئايدا يەنە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر