باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلاك قويۇپ بېرىلدى، لېكىن چەت ئەلگە چىقىشى چەكلەندى

2014.05.26 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-چېسلا، تايلاندنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ تۆتىنچى كۈنى. تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سىياسىي ئۆزگىرىش قوماندانى بايۈ جەنوچا بۈگۈن پادىشاھنىڭ تەستىقى بىلەن رەھبەرلىك ئورنىغا ئولتۇرىدۇ. چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەن سابىق زۇڭلى تاشىن شىناۋا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تايلاندتتا يەنە بىر قېتىم ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىدىن قايغۇرغانلىقىنى ئېيتقان. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلاك 25-چېسلا قويۇپ بېرىلگەن، لېكىن چەت ئەلگە چىقىشى چەكلەنگەن.

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تايلاند ھەربىي تەرەپ تۇتۇپ تۇرۇلغان سابىق زۇڭلى يىڭلاكنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، لېكىن چەت ئەلگە چىقىشى چەكلەنگەنلىكىنى جاكارلىغان. تايلاند ھەربىي تەرەپ يىڭلاك قاتارلىق 100 نەپەر سىياسىي ئەربابنىڭ ئارمىيەگە كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر