باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بايۈ تايلاند تىنچلىق تەرتىپنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ باش مەسئۇلى بولدى

2014.05.26 18:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاند ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى بايۈ بۈگۈن ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك تىنچلىق تەرتىپنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۆتىشى ھەققىدىكى پادىشاھ پەرمانىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالىدۇ. تىنچلىق تەرتىپىنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىشىدا ئۈچ سەۋەب بار،بۇ تايلاندنىڭ ھەر قايسى ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەرگە چۈشەندۈرۈلدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، بايۈ بۈگۈن پادىشاھ پەرمانىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى پىلانىنى جاكارلايدىكەن، بۇ ئۆتكۈنچى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلىش ۋە دۆلەت قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىنى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  تىنچلىق تەرتىپىنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ۋېنتەي تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىشىدا مۇنداق ئۈچ سەۋەب بار: بىرىنچىسى تايلاندنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ۋە سىياسىي مۇھىتى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ؛ ئىككىنچىسى ئارمىيە دائىرىلىرى ئېنىق پاكىت ۋە تولۇق سەۋەب بىلەن ھوقۇقنى تارتىۋالدى؛ ئۈچىنچىسى تايلاندنىڭ دېموكراتىيەنى ئىپادىلىشى زوراۋانلىق ۋە نۇرغۇن ئۆلۈم يىتىم پەيدا قىلدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە: تايلاند ئارمىيە دائىرىلىرى باشتىن ئاخىر دېموكراتىيە بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى قوللايدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر