- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لىۋىيە خەلق پارلامېنتى يېڭى زۇڭلى ئوتتۇرغا قويغان كابىنېت تىزىملىكىنى ماقۇللىدى
2014.05.26 17:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لىۋىيە خەلق پارلامېنتى تۈنۈگۈن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ كاندىدات زۇڭلىسى ئەخمەد مارتىگۇس ئوتتۇرغا قويغان كابىنېت تىزىملىكىنى ماقۇللىدى. تەرتىپ بويىچە، كابىنېت تەشكىللەش لايىھەسى خەلق پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مارتىگۇس ئابدۇللا سانىنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى بولىدۇ.
لىۋىيە خەلق پارلامېنتىدا جەمئىي 200 پارلامېنت ئەزاسى بار، خەلق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەت جەۋلانى: ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان 94 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 83 ئى قوشۇلۇپ ئاۋاز بەردى دېدى.
بۇ يىل 13-ئاپرېل ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت زۇڭلىسى سانى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئىستىپا بەرگەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر