باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسپىي ئورۇنلار مائاشىنىڭ ئۆسۈشىدە ئۈمىد بار

2014.05.26 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى تۇنجى سىستېمىلىق، قېلىپلاشقان مەمۇرىي نىزامى بولغان«كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام» دا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي تۈزۈمى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مائاش كىرىمى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردە ئىسلاھاتنىڭ يارقىن نۇقتىسى گەۋدىلەندۈردى. مۇتەخەسسىسلەر كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ مائاشى بۇندىن كېيىن ئورگان سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم ئۆسۈش يولىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كادىرلار ئىشلىرى ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىختىساسلىقلار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ جياڭ مۇنداق دېدى: 2006-يىلى ئېلىمىز كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۈنۈم مائاشى تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، بىراق نۆۋەتتە ئىجرا قىلىش تەڭپۇڭ ئەمەس، بەزى جايلاردا يولغا قويۇلدى، بەزى جايلاردا يولغا قويۇلمىدى. بۇ «نىزام» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   «نىزام»دا مائاشنىڭ نورمال ئۆسۈش مېخانىزمى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئۆلچەمنى تەڭشەشنى كۆرسىتىدۇ، ھازىرچە ۋەزىپە ئۆستۈرۈشكە قارىتىلمايدۇ. نورمال ئۆسۈش مېخانىزمى ئاساسلىقى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، كارخانىلاردىكى ئوخشاش تۈردىكى خادىملار ۋە مەمۇرلارغا سېلىشتۇرۇلىدۇ. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق قىسمەن تەڭشىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىللىق مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ.

  ئومۇمەن ئېيتقاندا، نورمال ئۆسۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئىلگىرى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشى ئورگانلارنىڭ مائاشى بىلەن باغلىۋېتىلگەن، ئورگاننىڭ مائاشى ئۆسسە ئاندىن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشى ئۆسەتتى، بۇندىن كېيىن بۇنى بازار بەلگىلەيدۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مائاش سەۋىيەسى ئۆسسە، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشىمۇ نورمال ئۆسىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر