باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بايۈ: ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار ھەربىي سوتقا تارتىلىشى مۇمكىن

2014.05.26 19:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاند قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بايۈ 26-ماي: ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارغا قارىتىلغان قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىمىز، نامايىشچىلار ھەربىي سوتقا تارتىلىشى مۇمكىن دېدى.

  22-ماي چۈشتىن كېيىن، ئارمىيە تەرەپ بىلەن ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، بايۈ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن دۆلەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارمىيە دائىرىلىرى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈزدىن ئارتۇق ھەر قايسى تەرەپتىكى سىياسىي ئەربابلارنى چاقىرتىپ، يىڭلۇك شىناۋاترانى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن سىياسىيونلارنى تۇتۇپ قالغان ئىدى.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، تايلاند پادىشاھى 26-ماي قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ رەھبىرى بايۈنى دۆلەتلىك مۇقىملىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە رەسمىي تەيىنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر