باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زۇما شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى لى لىگو بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.26 10:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما تۈنۈگۈن پرېتورىيەدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جەنۇبىي ئافرىقىغا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا مەخسۇس قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لى لىگو بىلەن كۆرۈشتى.

  زۇما رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىنى مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا جەنۇبىي ئافرىقىغا ئەۋەتكەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، لى لىگوغا رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. زۇما مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئافرىقىغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە باراۋەر بولغان دۇنيا قۇرۇشنى خالايمىز.

  40 قا يېقىن دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە سابىق رەھبەرلىرى ھەمدە ھەر ساھەدىكى ئاممىدىن بولۇپ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر