باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تايلاند بىلەن بولغان قىسمەن ھەربىي ھەمكارلىق پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2014.05.26 17:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 24-ماي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تايلاند ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا خاتىمە بېرىپ، خەلق سايلىغان ھۆكۈمەتنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسى تايلاند ئارمىيەسى بىلەن بولغان ھەربىي مانېۋىرى ۋە نۇرغۇن ھەربىي ئالماشتۇرۇش پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى كىربىي بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: تايلاند ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا ئارمىيە سى تايلاند ئارمىيەسى بىلەن ئۆتكۈزۈدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىنى توختاتتى، تايلاندنىڭ ئۈچ ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى تاناسەي ئىيۇندا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىدا زىيارەتتە بولۇش ھەققىدىكى تەكلىپنى قايتۇرۇۋالدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى خالىسنىڭ كېلەر ئايدا تايلاندقا قىلىدىغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر