- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما: ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈتمەكتە
2014.05.26 17:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈنۈگۈن: ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى قوللاش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ۋە پارلامېنتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈتمەكتە دېدى.ئوباما تۈنۈگۈن ئاق سارايدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنادا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بۇ دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، خەلقنىڭ ساداسى ۋە تەلىپىگە قۇلاق سېلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم، ئامېرىكا ئۇكرائىنا ۋە باشقا شېرىك دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر