باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە 7 ئادەم قازا قىلدى

2014.05.26 17:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا جەنۇبىي كالفورنىيە شىتاتى سان بابالا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بېل بۇران 24-ماي كەچ مۇنداق دېدى: 23-ماي ناھىيىمىزدە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ئالدىن پىلانلانغان كەڭ كۆلەملىك سۈيقەست قىلىش ۋەقەسى، جىنايەت گۇماندارى نېرۋىسىدىن ئاداشقان ئىكەن.

  يەرلىك ساقچىلار ئوققا تۇتۇش دېلوسىغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىللىئوت روج ئىسىملىك 22 ياشلىق بالا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. «ئاچارچىلىق ئويۇنى» ناملىق كىنونىڭ ياردەمچى رېژىسسورى پېتىر روج 24-ماي ئادوكاتى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  شۇ جاي ۋاقىتى 23-ماي كەچتە، كالفورنىيە ئونۋېرسىتىتى سان بابالا شۆبىسىنىڭ يېنىدا پەۋقۇلادە زور ئوققا تۇتۇش دىلوسى يۈز بېرىپ، ئاتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 ئادەم قازا قىلدى، ئاز دېگەندە 13 ئادەم يارلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە ئادەمنىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر