- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لىۋاننىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭى يېڭى زۇڭتۇڭنى تېزدىن سايلاپ چىقىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2014.05.26 17:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لىۋاننىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭى سۇلايمان 24-ماي بېيرۇتتا «زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنىڭ بوش قېلىشى لىۋاننىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، پارلامىنت ۋە ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلار تېزدىن يېڭى زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقىشى كېرەك» دېدى.
سۇلايمان شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: سۆزلىشىش بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەڭ مۇھىم ئىش. ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلار قوشنا ئەللەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى، قوشنا ئەللەردىن قۇراللىق خادىملارنى دەرھال چېكىندۈرۈپ چىقىشى كېرەك.
سۇلايماننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 25-ماي توشتى، لىۋاننىڭ ئاساسى قانۇنىدا «زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىل بولىدۇ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر