باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئاسىيا ئۆزئارا ئىشىنىش ھەمكارلىق يىغىنى ۋە جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك باھا بەردى

2014.05.19 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي موسكۋادىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 20-چېسلادىن 21-چېسلاغىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ۋە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىق تەدبىرى يىغىنىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. يېقىندا پۇتىن جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاسىيا ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىق بىرلەشمە مىخانىزمىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىغا ۋە جۇڭگو-رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى.

  پۇتىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئاسىيا ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىق باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رامكىسى ئىچىدە بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئېكولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ. پۇتىن يەنە، رۇسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئاسىيا تىنچ ئوكيان يېڭى بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىڭ شەكىللىنىشىنى داۋاملىق تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىدۇ، بۇ قېتىمقى ئاسىيا ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىق باشلىقلىرى يىغىنى بۇنىڭغا قارىتا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ دەپ بىلدۈردى. (شيې ياخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر