باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ

2014.05.19 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ غەربىي رايوندىكى تۇنجى بېكىتى باۋجى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ باشلىقى چاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 28-دېكابىر تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، باۋجىدا پويىزغا چىقىدىغانلارنىڭ سانى كۈنىگە تۆت مىڭغا يېتىپ، مۆلچەردىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولدى. ئەسلىدە شىئەنگە پويىزدا بېرىشقا تۆت سائەت كېتەتتى، ھازىر بولسا بىر سائەتلا كېتىدۇ؛ ئەگەر ئىككى يىلدىن كېيىن تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۈرۈمچىگە تۇتاشتۇرۇلسا، ئەسلىدىكى ئۈچ كۈنلۈك مۇساپە بىر كۈنگە قىسقىرايدۇ، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول-يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ.

  ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن تۆگە كارۋانلىرى ماڭغان بۇ يوللار ھازىر جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قاتارلىق زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن قاپلانماقتا. نۆۋەتتە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، توشۇش ۋە كەسىپ پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكتە، بولۇپمۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتمەكتە، زور بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياسىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە شەرق بىلەن غەربنى، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپاغا بىۋاسىتە بارىدىغان تۆمۈريول غول لىنىيەسى شەكىللىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدا زور بىر تۈركۈم تۆمۈريول لىنىيەلىرى ياسالماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە، لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ 2-قوش لىنىيەسىدە، گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارىدىغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول ياسالماقتا، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇغا بېرىشقا كېتىدىغان ۋاقىت ھازىرقىدىن تۆتتىن بىرى قىسقىراپ، تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا «رايون ئىچىدىكى ئۈچ يولغا تۈرتكە بولۇش، رايون سىرتىغا ئون چېگرا ئېغىزىنى ئېچىۋېتىش»تىن ئىبارەت شىنجاڭ تۆمۈريول ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېڭى تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پىلانغا ئاساسەن، شىنجاڭ جەنۇب، ئوتتۇرا، شىمال لىنىيەلىرىنى قۇرۇپ، شەرقتە بوخەي دېڭىزى، ليەنيۈنگاڭ، شاڭخەي پورتى، جەنۇبتا سىچۈەن، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق جايلارغا، غەربتە بىۋاسىتە قازاقىستان، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا بارىدىغان قۇرۇقلۇق چوڭ يولىنى ئاچىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر