ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۇچا ناھىيەسى كۈسەن مەدەنىيىتى ساياھەت ماركىسىنى تايانچ قىلىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىيات پىلانى، مەنزىرە رايون مەخسۇس تۈر پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە ساياھەت رايونلىرىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكتىن ماي ئېيى كىرىشى بىلەن قوشنا ناھىيە، شەھەرلەردىن ھالقىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىن كۇچاغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن %12 ئەتراپىدا كۆپىيىپ ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىكى بىردىنلا يۇقۇرى دۇلقۇنغا كۆتۈرۈلدى.
سۈرەتتە: 18- ماي قوشنا ناھىيەلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈرۈكزارلىق باغچىسىدا ساياھەت قىلماقتا.