باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مودىنىڭ زۇڭلىلىققا سايلىنىشى پاكىستاننى بىئارام قىلدى

2014.05.20 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان خەلق پارتىيەسى مۇشۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلدى. بۇ 30 يىلدىن بۇيان بىر پارتىيەنىڭ تۇنجى قېتىم سايلامدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  خەلق پارتىيەسىنىڭ غەلىبىسى نارۇندىرا مودىنىڭ ھىندىستاننىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭلىسى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۇرغۇن جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، مودى بىلەن خەلق پارتىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىشى پاكىستانغا نىسبەتەن بىر قاباھەتلىك چۈش. خەلق پارتىيەسى ھىندى دىنى مىللەتچىلىك پارتىيەسى بولۇپ، پاكىستان مەسىلىسىدە مۇدى بىلەن خەلق پارتىيەسىنىڭ مەيدانى قاتتىق قول دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

  ئالايلۇق مودى ئىلگىرى ھىندىستان پاكىستان چېگراسىدىكى ھىندىستانغا قارشى تېررورچىلارغا مەخپىي چېگرا ھالقىپ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن، يەنە بىر خىل قورقۇنچلۇق ئېھتىماللىق بولسا، پاكىستاندىكى تېررورچىلار ھىندىستاندا خۇددى 2001-يىلىدىكى پارلامېنت بىناسىدىكى پارتلىتىش ۋە 2008-يىلى بومبايدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدەك ئېغىر ھۇجۇملارنى قوزغىشى مۇمكىن. مودى رەھبەرلىكىدىكى خەلق پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەردە ئۆزىنى تۇتالىشى مۇمكىن ئەمەس.

  مۇشۇنداق ھۇجۇملار يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ مودى ۋە خەلق پارتىيەسىنىڭ غەلىبىسى ئەمدىلا ياخشىلىنىشقا باشلىغان ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ. 2013-يىلى شېرىپ تەختكە چىققاندىن بۇيان ھىندىستان بىلەن پاكىستان سودا ۋە خادىملارنىڭ باردى كەلدىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە ئازراق لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، مودى مۇشۇ تەرەپلەردىكى يوللارنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن.

  گەرچە يۇقىرىقى ئېھتىماللىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان تەقدىردىمۇ لېكىن مودى بىر قانچە تەرەپلەردە پاكىستانغا پايدا يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

  بىرىنچىدىن، خەلق پارتىيەسى بىلەن مودى ئىزچىل مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرغانلىقتىن كەڭ تەنقىدكە ئۇچراپ كەلدى. بولۇپمۇ نۇرغۇن كىشىلەر: مودى يا سۈكۈت قىلغان يا 2002-يىلى يۈز بەرگەن گۇجىلارد ئىشتاتىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى توپىلاڭغا قاتناشقان دەپ قارىدى. ھازىر ھىچ بولمىغاندىمۇ ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار مودى بىلەن خەلق پارتىيىسىدىن يۈكسەك ئېھتىيات قىلىدۇ، ناۋادا ھازىرقى گۇمانلىرى بۇندىن كېيىن ھەرىكەتلىرى ۋە گەپ سۆزلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانسا، ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار ۋە ھىندىستاندىكى باشقا دىندىكى ئامما ئۇنىڭدىن ناھايىتى نارازى بولۇشى مۇمكىن.

  ناۋادا ھىندىستان ھۆكۈمىتى چېكىندىن ئاشقان مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتنى يولغا قويسا ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىلمىشىغا يول قويسا، بولۇپمۇ 2002-يىلى گۇجىلارد شتاتىدىكىدەك ئىش يۈز بەرسە، بۇ ھىندىستاننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام ئەللىرىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. پاكىستاننىڭ ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇ خىل نارازىلىق كەيپىياتتىن پايدىلىنىش پۇرسىتى بولىدۇ. گەرچە يېڭى دېھلىنىڭ چىشىغا تىگىپ، توقۇنۇش پەيدا قىلىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلسىمۇ، ھىندىستاننىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈش سەۋەبلىك نەپكە ئېرىشەلەيدۇ.

  ئىككىنچىدىن، مودى زۇڭلى بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىن بولۇشى مۇمكىن. مودىنىڭ جۇڭگوغا قاتتىق قول يولىنى تۇتۇش تۇتماسلىقى ئېنىق ئەمەس، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى كۆزدە تۇتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. ھالبۇكى، تارىختىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەلق پارتىيەسىنىڭ زۇڭلىسى كونگىرىسلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرىدىن بەكرەك جۇڭگودىن ئېھتىيات قىلىشى مۇمكىن. ناۋادا ھىندىستان جۇڭگوغا قاتتىق قول سىياسەتنى قوللانسا، پاكىستان بېيجىڭنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭ مۈلۈك بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىسلامئابادقا نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق، چۈنكى ئۇ جۇڭگونىڭ ياردىمىگە ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولۇپمۇ ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن پاكىستانغا بېرىدىغان ياردىمىنى ئازايتىشى مۇمكىن.

  شۇڭا مودىنىڭ زۇڭلىلىققا سايلىنىشى يۈزەكى جەھەتتىن پاكىستاننى بىئارام قىلسىمۇ لېكىن ئاقىۋەتتە يەنىلا ئۇنىڭغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر