- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
باشقا جايدا كۈتۈنۈش تور قۇرۇلۇشى باشلاندى
2014.05.20 16:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەت بويىچە باشقا جايدا كۈتۈنۈش تور مۇلازىمەت پاراۋانلىق قۇرۇلۇشى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بېيجىڭدا باشلاندى.
بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۈتۈنۈش مەبلىغىنى تەرتىپكە سېلىپ، جۇڭگو كۈتۈنۈش كەسىپى بويىچە زور ئۇچۇر، سودا، ئالاقە سورۇنىنى بەروپا قىلىدۇ ھەمدە قائىدىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى كەسپىي جەھەتتە ھەقسىز تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش- يېتەكچىلىك قىلىش، ھەقسىز تەشۋىق قىلىش سورۇنى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سورۇنى ۋە مۇقىم يولۇچى ئېقىمى بىلەن تەمىنلەپ، كۈتۈنۈش ساھەسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر