باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدىكى كۆمۈر كان ۋەقەسى كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

2014.05.19 09:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-ماي تۈركىيەنىڭ مانىسا ئۆلكىسىنىڭ سوما رايونىدىكى بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە نۆۋەتتە 280 دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى، يەنە نەچچە ئون كىشى قۇدۇق ئاستىدا قامىلىپ قالدى. 15-ماي تۈركىيە تارىخىدىكى بۇ مەيدان ئەڭ ئېغىر بولغان كۆمۈر كان ۋەقەسى كۆپلىگەن جايلاردا كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشىنى قوزغىدى. ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر بىلەن ساقچىلار كەسكىن توقۇنۇشۇپ، تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە تېخىمۇ چوڭ سىياسىي ۋە جامائەت پىكىرى بېسىمىنى ئېلىپ كەلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، تۈركىيەدە 2013-يىلى يۈز بەرگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋەقەسىگە بىر يىل بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردۇئان بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلىش سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ قېتىمقى كۆمۈر كان ۋەقەسى ئەسلىدىلا ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئەردوئان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك ئىش بولدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر