باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى تەكىتلىدى

2014.04.08 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈن داۋاملاشقان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى 5-ئاپرېل گرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېنادا ئاخىرلاشتى، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرىلەشتى ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەيدان كرىزىسىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىنى قايتا تەكىتلىدى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتون سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىمىز. بىز يەنىلا بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇقىملىقى ئۇچرىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر