باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل بىلەن لاگارد ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلامدۇ؟(2)

2013.11.14 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەر بەش يىل ئەتراپىدا ئالىي رەھبەرلىك ئورنىنى قايتىدىن تەقسىم قىلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار ئالدى بىلەن جۇغراپىيە، دۆلەت، سىياسىي ۋە جىنسىي تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسىنى ئويلىشىدۇ. مەسىلەن: ئىتالىيەلىك مارىئو دىرۇگى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەندە، ئىتالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مارىئو مونتىنىڭ ۋان رۇمپىينىڭ ئورنىغا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇش ناھايىتى تەس ئىدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ران رۇمپىينىڭ ئورنىغا چىقىدىغان ئادەمنى سايلاشنىڭ جەريانىنى تىزگىنلەيدۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە سىياسىتى مەخسۇس ئەمەلدارىنى تاللاشنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىقىنى بايقىشى مۇمكىن. 2009-يىلى ئەنگلىيەلىك ئاشتون خانىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مەخسۇس ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرتىپكە سېلىش ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئورگىنى رەھبەرلىرىنىڭ نامزاتلىرىنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ رەھبەرلەر بۇ سەۋەبتىن كېلەر يىلى 5-ئايدىكى سايلامدىن كېيىن ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

  بۇ قارىماققا دېموكراتىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قوللىغاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بېشى بار، ئايىغى يوق بولغان ۋەزىپىگە تەيىنلەش تۈزۈمىگە تەدرىجىي ئۆزگىرىپ كېتىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. دۆلەت ھالقىغان تۆت چوڭ سىياسىي گۇرۇھنىڭ ھەممىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك نامزاتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. غەلىبە قىلغان پارتىيە سايلامدىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ نامزاتىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىشىپ يېتىلگەن تەقسىمات تۈزۈمىگە ئاساسەن، دىپلوماتىيە سىياسىتى مەخسۇس ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى 2-چوڭ پارتىيەنىڭ نامزاتى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ نىسبەت بويىچە تەقسىملىنىدۇ.

  ئەلۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ غەلىبە قىلغان پارتىيە نامزاتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلماسلىقى مۇمكىن، ئۇنداقتا ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ئۆز ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلايدىغان چاتاق ئەھۋال پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ياۋروپالىقلارنى ئۇلار مۇناسىۋەتتىن مەھرۇم قالدى دەپ قارىغان ياۋروپا ئورگىنىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئوخشاشلا يەنە دىپلوماتىيە سىياسىتى مەخسۇس ئەمەلدارىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئادەممۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى رەت قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىتىدە تېخىمۇ زور رول ئويناشنى خالايدۇ.

  پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئاۋامنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلسا شۇنداقلا ۋەزىپىگە تەيىنلەش جەريانىغا سودىلىشىش باشچىلىق قىلىپ قالسىلا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىغا داۋاملىق غەلىتە قارار چىقىرىدۇ. بەلكىم بۇ رەھبەرلەر مۇشۇنداق قىلىشقا رازى بولىدىغاندۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر