باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە خىمىيىۋى قوراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسىگە رەسمىي كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى(2)

2013.09.18 14:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جافارى شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بان كىمونغا ئالاقىدار خەتنى تاپشۇرغاندىن سىرت، سۇرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئالىممۇ شۇ كۈنى خىمىيىۋى قوراللارنى مەنئى قىلىش تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە خەت يېزىپ، سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسىگە رەسمىي كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

  خىمىيىۋى قوراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ ئەھدىنامىگە كىرگەن دۆلەتلەر، ئەھدىنامىگە كىرىش ئىلتىماسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا سۇنۇشى كېرەك، ئەھدىنامىگە كىرىش ئىلتىماسىنى سۇنۇپ 30 كۈن ئىچىدە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قۇراللىق زەربە بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قۇراللار ئەسلىھەلىرىنى خەلقئارانىڭ نازارەت قىلىشىغا تاپشۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ تەشەببۇس ناھايىتى تېزدىنلا سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. لاۋروف ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن 12-، 13-سېنتەبىر شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋەدە رۇسىيىنىڭ تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشدىكى كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۇرىيە پىرېزىدېنتى باشار 12-سېنتەبىر رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرىنى خەلقئارانىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خىمىيىۋى قۇراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسى 1997-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى يەر شارى دائىرىسىدە خىمىيىۋى قۇراللارنى ۋە ئۇنىڭ ئەسلىھەلىرىنى بالدۇرراق تەل توكۇس كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت. خىمىيىۋى قۇراللارنى مەنئى قىلىش تەشكىلاتىنىڭ باش مەقسىتى خىمىيىۋى قۇراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسىنىڭ باش مەقسىتىنى ۋە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلاتنىڭ باش ئورگىنى گوللاندىيەنىڭ گاھاگادا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھازىر 189 دۆلەت بۇ ئەھدىنامىنى ئىمزالىدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى بىلەن رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 12-سېنتەبىر جەنۋەدە سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، كېررى بىلەن لاۋروف بىرلىكتە مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى. كېررى مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش ئامېرىكىنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان ئىشى. تىنچ ھەل قىلىش تەدبىر ھەربىي ھەرىكەتتىن تېخىمۇ ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قۇراللارنى خەلقئارانىڭ نازارەتچىلىكىگە تاپشۇرۇپ، سۇرىيەدىن يۆتكەش ۋە مەڭگۈلۈك كۆيدۈرۈش ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.

  كېررى، مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قۇراللارنى خەلقئارانىڭ نازارەتچىلىكىگە تاپشۇرۇش خىزمىتى ھەقىقى، ئومۇميۈزلۈك، تەكشۈرۈشكە بولىدىغان، ئېسەنچىلىك بولۇشى ھەمدە ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىش كېرەك ، ئەگەر بۇنداق بولمايدىغان بولسا، يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

  لاۋروف مۇنداق دېدى: ئەگەر سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرى مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىغان بولسا، سۇرىيەگە قۇراللىق زەربە بېرىشنى ھاجىتى يوق. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن، ئامېرىكىنىڭمۇ بىزنىڭ مۇناسىپ ھالدا قوللانغان سۇرىيە توقۇنۇشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىمىزغا ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېقىنقى ئەھۋاللارنىڭ تەرەققىياتى 2-قېتىملىق سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى جەنۋە يىغىنىنى ئىچىشقا شارائىت يارىتىپ بەردى.

  كېررى بىلەن لاۋروف 13-سېنتەبىر داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى پايتەخت دەمەشق شەھەر ئەتراپى رايونىدا خىمىيىۋى قۇراللارنى ئىشلىتىپ، مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بۇنى بانا قىلىپ دۆلەت مەجلىسىنىڭ سۇرىيەگە قۇرال كۈچى ئىشلىتىشكە ھوقۇق بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. بۇ ئەيىبلەشلەرنى سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىنكار قىلدى، لاۋروف 9-سېنتەبىر سۇرىيەنىڭ ئۆزىنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرىنى خەلقئارانىڭ نازارەت قىلىشغا تاپشۇرۇپ بېرىشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، سۇرىيە تەرەپ ئارقىدىن بۇنىڭغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇردى. ئوباما 10-سېنتەبىر پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرى كرىزىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر