باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە خىمىيىۋى قوراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسىگە رەسمىي كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى(1)

2013.09.18 14:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە كرىزىسىنىڭ كەسكىنلىشىشى شۇنداقلا خىمىيىۋى قۇراللارنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قۇرال كۈچى ئىشلىتىش تەھدىتى كۈچەيدى، بۇ ۋاقىتتا رۇسىيە سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىگە تاپشۇرۇشنى ۋە كۆيدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ خىمىيىۋى قۇراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسىگە كىرىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلىپ، خىمىيىۋى قۇراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسىگە كىرىش تەرتىپى رەسمىي باشلىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى خاكى 12-سېنتەبىر، سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قۇراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسىگە كىرىش تەرتىپىنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

  خاكى شۇ كۈنى چۈشتە ئۆتكۈزۈلگەن قەرەرلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇندىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى سۇرىيەنىڭ خىمىيىۋى قۇراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسىغا رەسمىي كىرىشىگە ئالاقىدار ھۆججەت توغرىسىدىكى بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، نۆۋەتتە بۇ خەت تەرجىمە ۋە مۇھاكىمە قىلىنماقتا . ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خەت مۇۋاپىق ۋاقىتتا ھۆججەت سۈپىتىدە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خەتنىڭ سۇرىيەنىڭ ئەھدىنامىگە كىرىش تەرتىپىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

  خاكى مۇخبىرنىڭ سۇرىيە ئەھدىنامىنىڭ رەسمىي تۈزگۈچى دۆلەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلالامدۇ يوق؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە يەنە بىر قىسىم تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك، بۇ تۇنجى قەدەم.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون شۇ كۈنى كەچتە باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، خەتتە سۇرىيە پىرېزىدېنتى باشارنىڭ خىمىيىۋى قۇراللارنى مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسىگە كىرىش توغرىسىدىكى قانۇن پەرمانلارنى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەتتە يەنە، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھدىنامىگە رەسمىي كىرىشتىن ئىلگىرىمۇ ئەھدىنامىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىلگەن. بان كىمون بۇ ئىلگىرلەشلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر