باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ كۆزىگە تاقالغا مىخ بولۇپ قالدى؟ (1)

2013.09.18 14:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە كرىزىسىنىڭ پارتلىشى بىلەن چوڭ دۆلەتلەر بۇ دۆلەتتىكى كرىزىسىنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ دۆلەتتىكى كرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرلۈك ئامال چارىلەرنى كۆرسەتكەن ۋە قوللانغان بولسىمۇ، بىراق كرىزىسىنى ھەل قىلىش قىيىنغا توختىغانلىقتىن، سۇرىيە بۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىدىغان جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى.

  يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن بىر قىسىم غەرب ئەللىرى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى خىمىيىۋى قوراللارنى ئىشلىتىپ چېكىدىن ئېشىپ كەتتى دەپ ئەيىبلەپ، سۇرىيەگە قۇرال كۈچى ئىشلىتىشكە داۋاملىق قۇتراتتى. 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ سانت پېتىربورگ يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى يەنىلا ئېغىر بولدى. كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، كىشىلەر سۇرىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ كۆزىگە تاقالغا مىخ بولۇپ قالدى؟ سۇرىيەگە قۇرال كۈچى ئىشلىتىشكە ئىزچىل تۈردە قارشى تۇرۇپ كەلگەن رۇسىيە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللامدۇ يوق؟ دېگەن سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى، سۇرىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىمۇ مۇرەككەپلەشتى، بەزى دۆلەتلەر ئۇرۇشقا ۋە ئۇرۇشتىن موداپىئەلىنىشكە جىددىي تەييارلىق كۆردى، بەزى دۆلەتلەر ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ئىش قىلدى، بەزىلىرى ئۇرۇشتىن كىيىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. سۇرىيە كرىزىسى ئوتتۇرا شەرق خەلقئارا مۇناسىۋەت يېڭى خەرىتىسىنى بېكىتىشنىڭ سىناق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى مۇھىم، نېفىت بايلىقى مول بولۇپ، تارىختىن بۇيان ھەر قايسى دۆلەتلەر تالىشىدىغان ئورۇن بولۇپ كەلگەن، سۇرىيە گەرچە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى چوڭ دۆلەت بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، سۇرىيە ئاسىيانىڭ غەربىي، ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان شەرق بىلەن غەربنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. سۇرىيە قەدىمى سودا مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ كەلگەن بولۇپ، شىمالدىكى دېڭىز ياقىسى سودا شەھىرى ـ ھەلەپ، قەدىمى جۇڭگو يىپەك يولىنىڭ غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇقىدىكى ئاخىرقى نۇقتا بولغان.

  جۇغراپىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغانلىقتىن، تارىختا كۆپلىگەن دۆلەتلەر سۇرىيەنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كونترول قىلىشنى ئىستراتېگىيەلىك نىشانى قىلغان. سۇرىيە تارىخىتا، ئەھلى سەلىپ ئارمىيەسىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش يولىنى توسقان، شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەت ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پاناھلىنىش ئورنىغا ئايلانغان. ئۇرۇشتىن كىيىن، فرانسىيە سۇرىيەگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، 1946-يىلى سۇرىيە تولۇق مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن.

  سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كۈچ دائىرىسىنى تالاشتى، سۇرىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، شۇنىڭدىن كىيىن، ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ سوغۇقچىلىق چۈشتى.

  ئامېرىكا بىلەن سۇرىيە 1946-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى يۆلەپ تۇرغۇزدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا سۇرىيە، مىسىر، لىۋىيە قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىنىڭ قارشىلىشىش ۋەزىيىتىنى قوللىدى، بۇنىڭ بىلەن سۇرىيە ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كۈچ دائىرىسىنى تالىشىشنىڭ ئالدىنقى سەپ دۆلىتىگە ئايلاندى. ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ توقۇنۇشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئەندىزىسىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقتىن، ئامېرىكا بىلەن سۇرىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتە ئىنتايىن سوغۇق ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى.

  سۇرىيە ئەرەب گۈللىنىش پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كىيىن، سۇرىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم سىياسىي ئىتتىپاقدىشىغا ئايلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ھەربىي، ئىقتىساد، سودا قاتارلىق ساھەلەردە قويۇق ئالاقىلاشتى. 1971-يىلى، سۇرىيە تارتۇس پورتىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە ئېچىۋېتىپ، ئۇنى ئارقا سەپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەلدە قۇرغان تۇنجى دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنى توختىتىش ئورنىغا ئايلاندى. 1974-يىلى، سۇرىيە تارتۇس پورتىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى مۇنتىزىم بازىسى قىلىشقا قوشۇلدى، بۇمۇ ھەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەلدىكى تۇنجى مۇنتىزىم دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سۇرىيە ھەربىي جابدۇق ۋە قۇرال ياراقلارنىڭ ھەممىسىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن سېتىۋالدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى، مەشىقاۋۇللىرى سۇرىيەدە دائىم تۇرۇپ، سۇرىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشىغا ھەر قايسى تەرەپلەردىن ياردەم بەردى. 1980-يىلى سۇرىيە بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر