باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باغدادتىكى قاتناش چەكلىمىسىنىڭ پارتلىتىشنى توسۇشى تەسكە توختىدى(1)

2013.09.10 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد شەھەر مەركىزىدىكى ئازادلىق مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا ئەمدىلا بىر كىچىك كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشكەن مۇناف مۇخبىرغا: مەن ئەلۋەتتە قاتناشقا چەكلىمە قويۇش تەدبىرىنىڭ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، مەن قاتناش چەكلىمىسى ماشىنا بومبا ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالايدۇ دەپ ئويلىمايمەن، بۇ رېئال ئەھۋال ئەمەس دېدى.

  باغدادتا 7-سېنتەبىردىن تارتىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تاق، جۈپ نومۇر بىلەن يۈرۈش يولغا قويۇلدى. مۇنافنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاخىرقى نومۇرى جۈپ بولغاچقا، شۇ كۈنى ماشىنىسىنى ھەيدىيەلمىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىشتا، ئەرزان، قولايلىق كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇشىغا توغرا كەلدى.

  دۇنيادىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ تاق، جۈپ نومۇر چەكلىمىسى قاتارلىق قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاران سەككىز مىليون نوپۇسى بار، ئىككى مىليون ماشىنىغا ئىگە باغداد شەھىرىنىڭ بۇ تەدبىرنى يولغا قويۇشى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ.

  ئىراق ھۆكۈمەت دائىرلىرى تاق، جۈپ نومۇر چەكلىمىسى تەدبىرىنى يولغا قويۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك بۇ تەدبىر-بۇ يىلدىن بۇيان كۈنسايىن ئەۋج ئېلىپ كەتكەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ كۈچى غايەت زور ماشىنا بومبا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ ھېسابلىدى. 2-سېنتەبىر كەچتە، باغدادنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا ئاز دېگەندە 11 قېتىم ماشىنا بومبا پارتلىدى.

  باغدادتىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى باشقا شەھەرلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئاساسلىقى ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ كوچىلاردا نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇغانلىقىدىن كېلىپ چىققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم مەلۇم جايلار تېررورلۇق تەھدىتى ياكى پارتلىتىشقا ئۇچرىغانلىقتىن، يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن يوللار ۋاقىتلىق قامال قىلىنىدۇ. شەھەردىكى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا باغدادتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىكرى بار، ئۇلار باغداد كوچىلىرىدىكى 200 نەچچە تەكشۈرۈش پونكىتى ھېچقانداق رول ئوينىيالمىدى دەپ ئاغرىندى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل