- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ياسالغان تۇنجى پىكاپ بارلىققا كەلدى
2013.09.10 14:41 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
شاڭخەي ‹‹ۋولكسۋاگېن›› ئاپتوموبىلى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەنلىكى ۋە تۇنجى ئىشلەپچىقىرىلغان پىكاپنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش مۇراسىمى 29-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلدى.
شاڭخەي ‹‹ۋولكسۋاگېن›› ئاپتوموبىلى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەنلىكى ۋە تۇنجى ئىشلەپچىقىرىلغان پىكاپنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش مۇراسىمى 29-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) غا جايلاشقان شاڭخەي ‹‹ۋولكسۋاگېن›› ئاپتوموبىلى (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدار چىراغلار ئاستىدا ، تەڭرىتاغ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن ئىككى ئىشىكنىڭ ئاستا ئېچىلىشى بىلەن شاڭخەي ‹‹ۋولكسۋاگېن›› ئاپتوموبىلى (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فۇ شۆجۈن پۈتۈنلەي يېڭى تىپتىكى ‹‹ سانتانا ›› ماركىلىق پىكاپنى ھەيدەپ چىقتى . شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭلىقلار ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپچىقارغان تۇنجى پىكاپ بارلىققا كەلدى ، شۇنداقلا شىنجاڭ غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى بولۇپ پىكاپ ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئۆلكە بولۇپ قالدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن تەبرىكنامە ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل