- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ياپونىيە تاراتقۇلىرى: رۇسىيە ‹رۇسىيە-ياپونىيە شىمالدىكى 4 ئارال مەسىلىسىنى «تەڭلىشىپ» ھەل قىلىش ھەققىدە بىرلىككە كەلدى› دېدى
2013.09.09 16:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئورتاق ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زوڭتوڭىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى پېسكوف 5-سىنتەبىر مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى سانكت پېتېربۇرگتا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ۋە رۇسىيە زوڭتوڭى پۇتىن «تەڭلىشىش» روھى بىلەن شىمالدىكى 4 ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە بىرلىككە كەلدى.
پېسكوفنىڭ دېيىشىچە، «تەڭلىشىش» دىگەن بۇ سۆز جۇدو ماھىرى پۇتىنغا ئىنتايىن تونۇش بولۇپ، «يېڭىش-يېڭىلىش ئايرىلمىغانلىق»نى بىلدۈرىدىكەن. (بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر