باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 38 ئادەم قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلىدىكەن

2013.09.09 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ترانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى رىكخوتسونىڭ دېيىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 38 ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلىدىكەن.

  رىكخوتسو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھەر يىلى يۈز بېرىدىغان قاتناش ھادىسىلىرى تۈپەيلىدىن جەنۇبىي ئافرىقىغا 306 مىليارد رانتېپاۋ ئىقتىسادىي زىيان يېتىدۇ ، بۇ پۇل ھادىسىدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتناش ھادىسىسى فوندى تارقىتىش، قاتناشنى ئىدارە قىلىش تارماقلىرى خادىملىرىنىڭ مائاشى شۇنداقلا سېگنال چىرىقى ۋە يول رېمونت قىلىش ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

  ئۇ بۇنچىۋالا نۇرغۇن قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ماشىنا ھەيدىگۈچىنىڭ «ماشىنىنى بولۇشىغا ھەيدەش قىلمىشى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىكەن. رىكخوتسونىڭ دېيىشىچە: «يوھانىسبۇرگنىلا مىسالغا ئالساق، ساقچىلار تۇتقان خەتەرلىك ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇرلار ئارىسىدا ھەر 360 ئادەم ئىچىدە %50 ئادەم ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەر ئىكەن.

  ئۇ يەنە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «تەتقىقاتىمىزغا ئاساسلانغاندا، %90 قاتناش ھادىسىسى شوپۇرلارنىڭ بىخەستىلىكىدىن كېلىپ چىققان. بىز شوپۇرلانىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر