- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكا چاۋشيەن ھەربىي كۈچى توغرىسىدىكى تۇنجى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ ئېغىر تەھدىت ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
2013.05.03 16:27 مەنبە: خەلق تورى
بەش بۇرجەكلىك بىنا 2-چېسلا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان چاۋشيەننىڭ ھەربىي كۈچى توغرىسىدىكى دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: چاۋشيەننىڭ غەرىزى كورېيەگە ھۇجۇم قىلىش ھەمدە يادرو قورال ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىش، ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا پىسەنت قىلماي، قورال-ياراغ كۆپەيتتى، نۆۋەتتە، چاۋشيەن يەنىلا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئەڭ كەسكىن تەھدىت پەيدا قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ 2012-يىللىق مالىيە يىلىدىكى «دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە ھوقۇق بېرىش قانۇنى»دا،بۇندىن كېيىن بەش بۇرجەكلىك بىنا ھەر يىلى دۆلەت مەجلىسىگە چاۋشيەننىڭ ھەربىي كۈچى توغرىسىدا دوكلات سۇنىدۇ، دەپ تەلەپ قىلىنغان. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بەش بۇرجەكلىك بىنا شۇ كۈنى تۇنجى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ھەمدە دوكلاتنىڭ مەخپىيەتلىككە چېتىلمايدىغان مەزمۇنلىرىنى ئاۋامغا ئاشكارىلىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە