باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن شىنزونىڭ ئالدىدىلا ياپونىيە مۇخبىرىنى سىلكىدى

شىنزو ئۈندىمەي كېتىپ قالدى

2013.05.03 16:24        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپېرىلدىكى خەۋىرى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى بىلەن كىرىملىن سارىيىدا 5 سائەت سۆھبەتلەشتى. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كىرىملىن سارىيىدا بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  پۇتىن مۇخبىرلارغا ئىككى دۆلەت ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان قارىشىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئەمما، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلىشاي دېگەندە، ياپونىيە مۇخبىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سوئالى يىغىننىڭ ئازادە كەيپىياتىنى بۇزۇپ قويدى. بۇ مۇخبىر پۇتىندىن: «رۇسىيە نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە‹شىمالدىكى تۆت ئارال›دا يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتىر پونكىتى قۇرىدۇ؟ بۇ ياپونىيە قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغان بىر ئىش. رۇسىيە كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بۇ سىياسىتىنى قاچان توختىتىدۇ؟» دەپ سورىدى.

  پۇتىن ئاڭلاپ بولۇپلا چىرايىدىكى تونۇشلۇق كۈلكىسىنى يىغىشتۇرۇپ، قاتتىق تەلەپپۇزدا بۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «قارىسام سىز قەغەزگە يېزىۋالغان سوئالنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ بەردىڭىز. سىزگە مۇشۇ سوئالنى سوراشقا كۆرسەتمە بەرگەن كىشىگە يەتكۈزۈپ قويۇڭ: بۇ زېمىن مەسىلىسىنى بىز كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس، بۇ تارىختىن قالغان مەسىلە. بۇ مەسىلە 100 يىل بۇرۇن پەيدا بولغان، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلايمىز، ئەگەر سىز بىزگە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىپ بېرەي دېسىڭىز، ئۇنداقتا خىزمەتكە شارائىت ھازىرلاپ، دوستانە، ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتىڭ. ئەگەر قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماقچى بولسىڭىز، قاتتىق-قۇرۇق سوئاللىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ئاندىن سىزمۇ ئۇدۇل، قاتتىق-قۇرۇق جاۋابقا ئېرىشىسىز. سىزگە دەپ قوياي: بۇ ئاراللاردا تۇرۇۋاتقىنى رۇسىيە پۇقرالىرى، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇلارنىڭ پاراۋانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش». پوتىن سۆزىنى تۆگىتىپلا ياپونچە «رەھمەت» دەپلا يىغىننى ئاخىرلاشتۇردى. ئارقىدىنلا شىنزومۇ ئۈندىمەستىن يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە