بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ، مەركەزدىن يەرلىككىچە بىر تۈركۈم قانۇن نىزاملار يولغا قويۇلىدۇ.
«روھىي ساغلاملىق قانۇنى»نى تۇرغۇزۇش 1985-يىلى باشلانغاندىن تارتىپ، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ماقۇللاندى. تۈزۈشكە ساق 27 يىل ۋاقىت كەتتى، ئاخىرى بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويىلىدىغان بولدى.
«روھى ساغلاملىق قانۇنى»دا ئىختىيارلىقى بىلەن بولمىغان داۋالاش ئۇقۇمى، ئۆلچىمى ۋە تەرتىپى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، نۇرغۇن تاراتقۇلار بۇنىڭ بىلەن مەجبۇرىي ھالدا روھى كېسەللىك دەپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويۇشقا خاتىمە بېرىلدى دېيىشتى. ھۆكۈمەت پەرمانى شەكلىدە ئېلان قىلىنغان «شىئەن شەھىرىنىڭ مەمۇرىي تەرتىپ بەلگىلىمىسى» 2013-يىلى 1-مايدىن باشلاپ شىئەن شەھىرىدە رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قائىدىسىدە «ئوغۇرلۇقچە رەسىمگە تارتىش، ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىسپات ئىناۋەتسىز بولىدۇ»، «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ كىنىشكىسى بولمىسا جاۋابكار قانۇننى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا بولىدۇ» قاتارلىق يېڭى بەلگىلىمىلەر ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.