باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

دۇنيا بويىچە تۇنجى ھايات قالغان 7 كىزەك 16 ياشقا كىردى

بۇلار تۇغۇلغاندا زوڭتوڭ تېلېفون قىلىپ سالام ئېيتقان

2013.11.20 23:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا بويىچە تۇنجى ھەممىسى ھايات 7 كىزەك قېرىنداشلار 19-نويابىر 16 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى. بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىپ ئىسسىتقۇ ۋە ئوكسېگىنغا تايىنىپ ياشايدىغان بۇ كىچىككىنە بوۋاقلار ئەمدى چوپچوڭ بولۇپ، پراۋا ئېلىشقا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا، ھاياتىنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلاشقا تەييارلاندى.

  بۇلار تۇغۇلغاندا زوڭتوڭ تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سورىغان

  بۇ 4 ئوغۇل 3 قىز 7 كىزەك قېرىنداش 1997-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئەيئاۋۋا ئىشتاتىدا تۇغۇلغان. ئۆتكەن 16 يىلنى ئەسلىگىنىدە، ئانىسى بوبى مەيكاۋيى «ۋاقىت بەك تېز ئۆتتى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ھەسرەتلەندۈرىدۇ» دېدى. «دېمېييىن خاتىرە گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنچە كۆپ بوۋاققا ھامىلىدار بولغانلىقىمنى بايقىغان ۋاقتىم ئىزچىل ئېسىمدە، بىز ھاياجانلىنىپ توۋلاپ كەتمىدۇق، بەلكى كۆڭلىمىز شۈبھىگە تولدى».

  ھامىلىدار بولۇش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، بوبى ئەينى چاغدا تۇخۇم ئاجرىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورا يىگەنىكەن. سۈنئىي ئىسپىرما قوبۇل قىلىش بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، يېتەرلىك تۇخۇم ئاجرىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورا يىگەن ئايال قانچە كىچىك جانغا ھامىلىدار بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىشكە ئامالسىزكەن. دوختۇر ئىلگىرى ئۇنىڭغا 3 كىزەككە ھامىلدار بولۇش پۇرسىتى %20 بولىدۇ دېگەنىكەن، بىراق ئۇنىڭ 7 كىزەككە ھامىلدار بولغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن ھەيران قالغانىكەن.

  بوبىنىڭ ئالدىدا 7 كىزەك توغقان ئاياللار بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بوۋاقلار ئادەتتە نەچچە ھەپتىلا ياشىغان، شۇڭا دوختۇر قالغان ھامىلىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يېتىلىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئوپراتسىيە ئارقىلىق بىر نەچچە ھامىلىنى ئېلىۋېتىشكە دەۋەت قىلغان. بىراق بوبى ۋە يولدىشى كېننى مەيكاۋيى بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان.

  ئانىسىنىڭ قورسىقىدا 7 ئايدىن كۆپرەك تۇرغاندىن كېيىن، بۇ 7 كىزەك دۇنياغا كۆز ئاچقان، بۇ خەۋەر تېزلىكتە دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ باش خەۋىرىگە ئايلانغان، ھەتتا شۇ چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ زوڭتوڭى بىل كېلېنتونمۇ تېلېفون قىلىپ بۇ ئائىلىدىكىلەرنى قۇتلۇقلىغانىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر