باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش تەۋەلىكى ئارخىپىنى تەكشۈرسە بولىدۇ

2013.11.21 09:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بېكىتكەن توردىن ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىنى تەكشۈرۈپ، ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان مەكتىپى، قوبۇل قىلىنىش قاتلىمى ۋە تۈركۈمى، كەسپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى دەلىللىسە بولىدۇ.

  يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقىشىمچە، بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش 13 – نويابىر تاماملانغان، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 88 مىڭ 446 يېڭى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، دوكتور 231، ماگىستىر 5619، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى 37 مىڭ 490، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىسى 42 مىڭ 534، بەش يىللىق ئىزچىل تۈزۈمىدىكى ئوقۇغۇچى 1950، تولۇق كۇرسقا بىۋاسىتە ئۆرلەپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچى 622 ئىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش تۈزۈمى 2007 – يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ساختىلىق قىلىشتىن ساقلىنىش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى، ئوقۇش تارىخىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ساغلام داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ھازىر ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپى بىلەن ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ئۆزئارا باغلانغان، ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسىنى تىزىملىتالايدىكەن. ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو ئالىي مائارىپى ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر تورى (www.chsi.com.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى (xjedu.gov.cn)دىن ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر